ئانا -تىلمىزنى قەدىرلەيلى ئاپتورى: ئابدۇرېھىم راخمان
تارىختا بىزگە ئوخشاش كۆپ دىنغا چوقۇنغان، كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت بولمىسا كېرەك. بىزدە ھەقىقەتەن «ئىسلاھات» روھى كۈچلۈك، ھەرقانداق زامانغا، ھەرقانداق ئىشقا ئاسانلا كۆنۈپ قالىمىز، بۇ خىل «كۆنۈش» بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، خاسلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر تەرەپ ھەققىدەسۆزلەشكە تىلىمىز قىسىلىدۇ. باشقىنى قويۇپ 50 يىلدىن بۇيانقى تىل – يېزىق ئىسلاھاتىغا نەزەر سالساق، ھەيرانلىقتا قالىمىز. بىز 50 يىلدا ئالتە قېتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردۇق. 1951-يىلى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. 1958-يىلىغا كەلگەندە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزم تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە پايدىسى بار» دەپلا يېزىقىمىزنى سىلاۋيانلاشتۇردۇق. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا جۇڭگو – سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىزمۇ سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى تاشلاپ لاتىن ھەرپلىرىگە يۈزلەندۇق. 1000 يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ، تىلىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ كەلگەن يېزىق سىستېمىسىنى «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، تىل تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئارىمىزدىن ھەيدەپ چىقاردۇق.
( تەھرىر : admin)ھازىر، كونا يېزىقتا ساۋاتى چىقىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ بىزدىكى تىل – يېزىقىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تۈپكى ئىپادىلىرىدىن بىرى. بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ خەت ئىملاسىمۇ تايىنلىق، شۇنداق ئىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى تەربىيىلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا قانچىلىك تەلەپ قويالايدۇ؟ ياق، ئۇلار خېتىنىڭ سەت، ئىملاسىنىڭ توغرا، ئۆلچەملىك بولماسلىقىنى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ياپماسلىقى كېرەك. |